دونيانى قانداق قىلغاندا زىنادىن ساقلىغىلى بۇلىدۇ
2014-04-04 02:42:02 -0400
جەمئىيەتنى زىنادىن قانداق ساقلاش كېرەك ؟سوئال: ھازىرقى جەمئىيەتتە زىنا قىلغۇچى ئەر ۋە زىنا قىلغۇچى ئايال ئۈستىدىن تۆت نەپەر گۇۋاھچىنى قانداق تەييارلايمىز؟، ئۇلارنىڭ زىنا قىلغانلىقىنى قانداق مۇقىملاشتۇرىمىز؟، مۇسۇلمان ياشلىرىغا زىنادىن ئىبارەت بولغان قەبىھ قىلمىش توغرىسىدا قانداق نەسىھەت قىلىمىز؟. جاۋاب: بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر. بىرىنچى: ئالىملار زىنانى ئىسپاتلاشتا تۆت تۈرلۈك پرىنسىپنى ئوتتۇرىغا قويدى: 1-گۇۋاھچىلىق (يەنى تۆت نەپەر كىشىنىڭ زىناغا گۇۋاھچى بولىشى). 2- زىنا قىلغۇچىلارنىڭ ئىقرار قىلىشى. 3- ئېرى ۋە خوجايىنى بولمىغان(دېدەك)ئايالنىڭ ئېغىر ئاياق بولىشى. 4-ئېرى ئايالىنى زىنا قىلدى دەپ ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلغان بولسا، ئايالى ئېرىنىڭ سۆزىگە رەت قايتۇرمىغان بولىشىدىن ئىبارەت. زىنادا ھۆكۈم قىلىشتا ئىشەنچلىك بولغان تۆت نەپەر كىشىنىڭ گۇۋاھلىقى شەرت. تۆت نەپەر كىشىنىڭ ئەر-بىلەن ئايالنىڭ بىرگە بولغانلىقىنى پىچاقنىڭ غىلاپتىكىدەك ھالەتتە ئوچۇق-ئاشكارا كۆرگەنلىكىنى سۈپەتلەپ بېرەلىشى لازىم. ئەگەر گۇۋاھچىلار زىناخورلارنى كېيىمسىز يالىڭاچ ھالەتتە كۆرگەن ياكى ئۇلارنى مەلۇم شەكىل ھەرىكەتلەردە كۆرۈپ، پىچاقنىڭ غىلاپتىكى ۋاقتىنى كۆرەلمىگەن بولسا ئۇ زىنا ئىسپاتلانمايدۇ. شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: گۇۋاھچىلار بىز پىچاقنىڭ غىلاپنىڭ ئىچىدە ئىكەنلىكىنى كۆردۇق دېگەندىن ئىبارەت بولغان ئوچۇق لەۋزىلەر بىلەن گۇۋاھلىق بېرىشى لازىم. ئۇنىڭ غەيرىدە كۆرۈلگەن باشقا ئىسپاتلار بىلەن زىناغا ھۆكۈم قىلىنىپ جازا ئىجرا قىلىنمايدۇ. يۇقىرىدا دېيىلگەندەك زىنانىڭ ئىسپاتلىنىشى ناھايىتى قىيىن ئىش. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ زامانىسىدا بىر ئادەمنىڭ "ئەگەر مەن بىراۋنىڭ ئىككى يوتا ئارىلىقىدا بولغانلىقىنى كۆرسەممۇ، بۇ گۇۋاھچىلىق قوبۇل قىلىنمايدۇ دېگىنىگە ئوخشاش، شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيەمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زامانىسىدىن ئۆز زامانىسىغىچە تۆت گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق بېرىشى بىلەن زىنا ئىسپاتلىنىپ باقمىغانلىقىنى ئېيتقان، شۇنىڭدەك بىزمۇ تا ھازىرغا قەدەر زىنانىڭ ئۇ يول بىلەن ئىسپاتلانغانلىقىنى بىلمەيمىز، چۈنكى ئۇ ناھايىتى مۈشكۈل بولغان قېيىن بىر ئىشتۇر. شەرىئەتنىڭ زىنا ئۈستىدىن گۇۋاھلىق بېرىشتىكى قاتتىق ئۆلچىمى يەنىلا شەرىئەت ئۆزى ئىرادە قىلغان مەنپەئەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت بولۇپ، بەندىلەرنىڭ ئەيبىنى يوشۇرۇش، پاھىشە ئىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش، جەمئىيەتنى بۇزۇقچىلىقتىن، كىشىلەرنىڭ يۈز-ئابرۇيىغا تاجاۋۇز قىلىشتىن ۋە نەسەبنىڭ ئارىلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىشتۇر. ئىمام قۇرتۇبى رەھىمەھۇللاھ ئۆز تەپسىرىدە: " خۇسۇسەن بۇ يەردىكى تۆت نەپەر گۇۋاھچىنىڭ بولىشى( باشقا ئىشلاردا تۆت نەپەر گۇۋاھچى تەلەپ قىلىنمايدۇ) ئاللاھنىڭ داۋا قىلغۇچىغا قاتتىق قول بولۇش ۋە بەندىلەرنىڭ ئەيىبنى يوشۇرۇش ئۈچۈندۇر. ئىككىنچى: ياشلىرىمىزنى ۋە جەمئىيتىمىزنى زىنا ۋە بۇزۇقچىلىقتىن مۇداپىئە قىلىشتا ئالدى بىلەن دۆلەت، جەمئىيەت ۋە ھەر قايسى ساھەلەر ئورتاق كۈچ چىقىرىشى لازىم. بۇ بولسا ئاممىۋى مەسئۇلىيەت، جەمئىيەتنىڭ ساغلاملىقىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش زىنا ۋە بۇزۇقچىلىقتىن ساقلىنىدىغان تۆۋەندىكى سەۋەبلەر بىلەن بولىدۇ: 1-زىنانىڭ چوڭ گۇناھلىقىنى خەلققە چۈشەندۈرۈش ۋە تارقىتىش، زىنا چوڭ گۇناھلاردىن بولۇپ، ئۇنىڭ ھاراملىقىغا ۋە قەبىھ پەسكەش قىلمىشلىقىغا شەرىئەت ۋە ئەقىل بىرلىككە كەلگەن. بۇ قىلمىش بولسا، كۆپلىگەن ئۈممەتلەرگە مۇسىبەتلەرنىڭ يېتىشىگە، ھالاك بولىشىغا، شۇنداقلا ئاقىۋىتىنىڭ دوزاخ بولىشىغا سەۋەب بولغان. ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: "ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈشتىن قالسا زىنا ئەڭ چوڭ گۇناھتۇر". ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «زىناغا يېقىنلاشماڭلار، چۈنكى ئۇ قەبىھ ئىشتۇر، يامان يولدۇر» ئىسرا سۈرىسى 32-ئايەت. شەيخ ئابدۇرەھمان سەئدىي يۇقىرىقى ئايەتنى تەپسىرلەپ مۇنداق دېگەن: "ئاللاھ تائالا زىنانى قەبىھ ئىش، يامان يول دەپ سۈپەتلىدى، پاھىشە بولسا شەرىئەت، ئەقىل ۋە ئىنسان تەبىئىتىدە بۇزۇقچىلىق دەپ ھېسابلانغان قىلمىشتۇر. بۇ گۇناھ ، ئاللاھنىڭ چەكلىمىلىرىگە تاجاۋۇز قىلىش، ئايال كىشىنىڭ ھەققىگە تاجاۋۇز قىلىش، ئايال كىشى ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەققىگە تاجاۋۇز قىلىش، ئايال كىشى ئېرىنىڭ ھەققىگە تاجاۋۇز قىلىش، ئائىلە ۋە نەسەبلەرنى بۇزۇشتىن ئىبارەت قەبىھ ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، بۇ گۇناھقا قەدەم بېسىشنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكى توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىدۇ". 2- زىنانىڭ يامراپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەتنى ياشلارغا چۈشەندۈرۈش. زىناخورلۇق ۋە پاھىشىنىڭ جەمئىيەتتە يامراپ كېتىشىنىڭ تەسىرى بولسا، ئائىلە ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىغا تەھدىت يەتكۈزۈپلا قالماستىن، ھارامدىن بالا تۇغۇلۇشى، ئائىلىنىڭ ۋەيران بولىشى، بالىلارنىڭ يېتىم
----Comments(1)----
yurtum (@sirdax520) |
@ at 2014-04-04 12:17:
ۈۈ
Back to home
Subscribe |
Register |
Login
| N